مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىرغىزىستاندىكى لاتقا-شېغىللىق ئېقىندا ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئىككى ئادەم يوقاپ كەتتى

2021.07.14 12:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئاباد ئىشتاتىدا 12-چېسلا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم يوقاپ كەتكەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جالالئاباد ئوبلاستى ئاقسۇ رايونىدا 12-ئىيۇل كېچىدە قارا يامغۇر يېغىپ، ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاز دېگەندە سەككىز ئادەم ئېقىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغان، ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يەنە شۇ جايدىكى يول، كۆۋرۈك ۋە بەزى ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ