مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 2020-يىلى دۇنيادا تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسىم ئاھالىلەرگە يېمەكلىك يېتىشمىگەن

2021.07.14 11:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ 12-چېسلا نيۇيورك باش ئىشتابىدا ئېلان قىلغان«دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيادا تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسىم ئاھالىلەر يېمەكلىك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسىيا دۇچ كەلگەن ئاشلىق كەمچىل بولغان نوپۇس 418 مىليون، ئافرىقا 282 مىليون بولغان.

  دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلى دۇنيا بويىچە 2 مىليارد 400 مىليون ئادەم يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىگەن، بۇنداقلار ئالدىنقى يىلدىكىدىن 320 مىليون كۆپەيگەن.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: توقۇنۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يەر شارىدىكى ئاچارچىلىق نىسپىتى تېز ئۆرلەپ، دۇنيا بويىچە بالىلارنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمىغان. 2020 ـ يىلىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئاچارچىلىق تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەم سانى ئالدىنقى بەش يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ، 2019ـ يىلىدىكىدىن 161 مىليون ئادەم كۆپەيدى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان، بەش ياشتىن تۆۋەن 149 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ يېتىلىشى تەسىرىگە ئۇچرىغان. 2020ـ يىلى، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، مەكتەپلەردە دەرس توختىتىلىپ، 370 مىليون كىشى دەرسكە قاتنىشالمىدى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 150 مىليون ياش-ئۆسمۈر يەنىلا مەكتەپنىڭ چۈشلۈك تامىقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن.

  ب د ت باش كاتىپىنىڭ 2021-يىللىق ئاشلىق سىستېمىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئانىس كالىباتا دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئەھۋالى ئاشلىق كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىسمەن سەۋەب، ئاشلىق كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب بولسا، ئاشلىق سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ