مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراش — ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ئەنئەنىسى

2021.07.14 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا باش بولۇپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزگە قارىتا «شىنجاڭ پاختىسى»نى كۆپتۈرۈپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەۋجۇد، دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىغا قارىتا «دىنىي كەمسىتىش» مەۋجۇت دەپ تۆھمەت قىلدى. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا يامان غەرەزدە قارا چاپلاپ، جۇڭگو بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن غەربنى مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى قىلىپ پەردازلىماقچى بولدى.

  ئامېرىكىنىڭ بۇ ساختا ئويۇنىغا قارىتا، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېشاۋارززاد 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا غەرب ئەللىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى ۋەقەسى» توغرىسىدا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «2001-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا تېررورىزمغا زەربە بېرىش نامى بىلەن دۇنيادىكى تەخمىنەن 80 دۆلەتتە ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 330 مىڭ پۇقرا بار بولۇپ، ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ، يۇرتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولدى». «شۇڭا، ئەگەر ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىدىن چوڭقۇر ئەپۇ سورىشى ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك».

  ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى دۇنيا بويىچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولۇشىدەك پاكىت شۇنىڭ بىلەن ئېچىپ تاشلاندى. بىراق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن يامان نىيەتكە تولغان، ئۇنداقتا، ئامېرىكا ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى مۇسۇلمان پۇقرالارنى قوغداشقا بەك كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ ئەگەر بىز چوڭقۇر تەكشۈرسەك، «مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراش»نىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بىر پاكىتنى بايقايمىز.

  ھازىر شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، مەيلى تارىختا بولسۇن ياكى ھازىرقى زامان رېئاللىقىدا بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام ئېتىقادىغا دۈشمەنلىك قىلىپ، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سىياسىي ئەنئەنە، بۇنداق بەتبەشىرە روھقا ۋارىسلىق قىلىش كىشىنى ھەقىقەتەن غەزەپلەندۈرىدۇ. ۋاھالەنكى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە دۆلىتىمىزدە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان «دىنىي كەمسىتىش» مەۋجۇت دەپ چالۋاقىماقتا، بۇ ئېنىقكى، «سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك ئىش. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق رەزىل ھىيلىسىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇشىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز، مەملىكەت ئىچىدىكى ئاممىغا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ۋىجدانلىق كىشىلەرگە بۇنداق ئامېرىكىچە ساختىلىقنى پاش قىلىشىمىز كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ