مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20 يىللىق ئۇرۇش ئافغانىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قالدۇردى؟

2021.07.14 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا قوزغىغان ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ 20 يىللىقى. ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئامېرىكىنى ئېغىر ماددىي بەدەل تۆلەشكە ۋە تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئاخىر ئامېرىكىنى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بارلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھالبۇكى، 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۇرۇش ئافغانىستانغا يەنە نېمىلەرنى قالدۇردى؟

  داۋالغۇش، بۆلۈنۈش، نامراتلىق ئىچىدىكى ئافغانىستان

  «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا تېزلىكتە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغاپ، تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بازا تەشكىلاتىنى قوغلىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا ئامېرىكا ئافغانىستاندا داۋاملىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتالمىش دېموكراتىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندا ئاتالمىش غەربچە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى ئورنىتىلدى، ئىقتىساد تۆۋەن سۈرئەتتە ئاشتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىمۇ قۇرۇلدى.

  ھالبۇكى، 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئافغانىستان يەنىلا توقۇنۇش، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغاشتىكى بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشانى — ئافغانىستاننى ئەمدى تېررورلۇق پەيدا بولىدىغان تۇپراقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدى، لېكىن بۇ خىل نىشان ئەمەلگە ئاشمىدى. تالىبان گەرچە بىر ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن 2003-يىلىدىن باشلاپ قايتا تەشكىللەندى. ھازىرغا قەدەر، ئۇ تەرەققىي قىلىپ 80 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك، ئامېرىكىغا، ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي، ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندى. تالىباندىن باشقا، بازا تەشكىلاتى ۋە «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ خۇراسان تارمىقى قاتارلىق تۈرلۈك ئەسەبىي تەشكىلاتلار ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدە ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى. 2019-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان يىللىق دۇنيا تىنچلىق كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان سۇرىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلاندى. 20 يىلدىن بۇيان، توقۇنۇش ئافغانىستانغا ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېلىپ كەلدى. 2019-يىلىغىچە، ئافغانىستاندا 40 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا قازا قىلدى، يارىلانغانلار 60 مىڭدىن ئاشتى، تەخمىنەن 11 مىليون كىشى مۇساپىرغا ئايلاندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ