مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىراقتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش بېكىتىلگەن بىر دوختۇرخانىغا ئوت كېتىپ 41 ئادەم قازا قىلدى

2021.07.14 11:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى دىھار ئۆلكىسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش بېكىتىلگەن بىر دوختۇرخانىدا 12-ئىيۇل كەچتە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 41 ئادەم قازا قىلدى، نەچچە ئون ئادەم يارىلاندى.

  ئىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىھار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ناسىرىيە شەھىرىدىكى «ھۈسەيىن» دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى ئايرىش مەركىزىدە، شۇ كۈنى كەچتە ئوت كەتكەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئوت ئاپىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى كېسەلخانىسىدىكى ئوكسىگېن باكىنىڭ پارتلىشىدىن كېلىپ چىققان.

  دىھار ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتىدە 41 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە، ئوت كونترول قىلىنغان، دوختۇرخانىدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى تارقاقلاشتۇرۇلغان، بۇ ئۆلكىنىڭ سەھىيە سىستېمىسى جىددىي ھالەتكە كىرگەن.

  ئىراق زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، زۇڭلى كادىمى جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  بۇ، ئىراقتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوت ئاپىتى ئىكەن. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىراق پايتەختى باغداتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش بېكىتىلگەن بىر دوختۇرخانىدا، ئوكسىگېن باكى پارتلاش سەۋەبىدىن ئوت كېتىپ، 82 ئادەم قازا قىلغان، 110 ئادەم يارىلانغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ