تۈركىيەدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 12 ئادەم قازا قىلدى، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى كۆچمەنلەر
2021.07.13 09:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 10- چېسلا كەچتە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئوت كېتىپ، 12 ئادەم قازا قىلغان، 26 ئادەم يارىلانغان.
شۇ جاي ۋاقتى 11- چېسلا، ئالاقىدار خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 11ى كۆچمەنلەر ئىكەن،يەنە بىرەيلەن قانۇنسىز توشۇشنى تەشكىللەشكە ياردەم بەرگەن كىشىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ