مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2-تۈركۈمدە قىرغىزىستانغا ياردەم بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىشكەككە يەتكۈزۈلدى

2021.07.12 13:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2-تۈركۈمدە قىرغىزىستانغا ياردەم بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى 11-ئىيۇل قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يەتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن بىلەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى مارىپوف ماناس خەلقئارا ئايروپورتىدا ۋاكسىنا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مارىپوف قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروفقا ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستانغا يەنە بىر قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ياردەم قىلغانلىقىغا ھەم قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگودا ئىشلەنگەن ۋاكسىنا سېتىۋېلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. مارىپوف مۇنداق دېدى: يېڭى تپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا سىجىل ياردەم بەردى، قىرغىزىستان تەرەپ چوڭقۇر تەسىرلەندى ھەم جۇڭگو تەرەپكە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو تاپشۇرغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە غايەت زور ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  دۇ دېۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، 100 گە يېقىن دۆلەتنى 450 مىليون تالدىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئۆتۈشچانلىقى ۋە ئۈستىگە ئېلىشچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ