ھۇجۇمدىن كېيىنكى ئىسرائىلىيە

2021.05.14 20:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر ئەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يەھۇد شەھىرىدە راكېتا ئوقى تېگىپ ۋەيران بولغان ئۆينى سۈرەتكە تارتماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئىسرائىلىيە بىلەن غەززەدىكى قوراللىق كۈچلەر ئېغىر توقۇنۇشتى. غەززەدىكى قوراللىق خادىملار ئىسرائىلىيە تەرەپكە 1600 دىن ئارتۇق راكېتا بومبىسى ئاتتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، غەززەدىكى قوراللىق كۈچلەر بار بولغان تەخمىنەن 600 ھەربىي نىشانغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى ھەمدە خاماسنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانىنى ئۆلتۈردى. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىدا ئىسرائىلىيە تەرەپتىن يەتتە ئادەم ئۆلدى، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، غەززە رايونىدا 67 ئادەم ئۆلدى، 400 گە يېقىن ئادەم يارىلاندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ