ھىندىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 24 مىليونغا يەتتى

2021.05.14 20:43 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ھىندىستاننىڭ جىننەھ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوكسىگېن سۈمۈرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى 13-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بىر كۈندە يېڭىدىن 362 مىڭ 727 نەپەر كۆپەيگەن بولۇپ، جەمئىي 23 مىليون 703 مىڭ 665 نەپەر بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان؛ يېڭىدىن 4120 ئادەم ئۆلۈپ، ئۆلگەنلەر سانى جەمئىي 258 مىڭ 317 نەپەرگە يەتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزگەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تېز تارقىلىشى ھىندىستاندا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ جىددىي يامانلىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ