خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيەلىك ئىقتىسادشۇناس، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى مىكېلاي جېلاچ يېقىندا ئىتالىيە ئاسمان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شۇ جايدىكى تاماشىبىنلارغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. 7-ماي، جېلاچ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، غەربنىڭ بەزى ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جېلاچ يېقىندا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ، شىنجاڭدا جەمئىيەت ھاياتىي كۈچكە تولغان، كىشىلەر قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى، بىر نەچچە كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن يەرلىك دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئېيتتى.
جېلاچ مۇنداق دېدى: بىز دائىم شۇ جايدا قىزغىنلىق ۋە دوستلۇقنى ھېس قىلدۇق، مەن يەنە كۆپ قېتىم يالغۇز سىرتقا چىقىپ زىيارەت قىلدىم، ئۆزۈم يالغۇز بازارغا باردىم، مەن (ئىتالىيەلىك) مۇخبىرلار ۋە دوستلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولدۇم.
جېلاچ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش»نىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەش كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇنداق ئەيىبلەش پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
جېلاچ: مەن قارىغۇ ئەمەس، مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونى كېزىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار، دېدى.
جېلاچ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم ياۋروپا سىياسەتۋازلىرى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە سايلام مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، باشقىلارغا خالىغانچە تۆھمەت قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ياۋروپا كارخانىلىرى ۋە خەلقى بولىدۇ.
جېلاچ: مەن غەرب ئەللىرىنىڭ جۇڭگوغا يۈزلەنگەندە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارسىز ۋە بىلىمسىزلىكىنى ئىپادىلەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مېنىڭچە ياۋروپا سىياسەتۋازلىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بۇ بەك ئېغىر مەسىلە، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى