خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 11- كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنىغا كېلىپ، قازاندىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئىدارىسى 11- چېسلا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزى قازاندىكى شەھەرلىك 175- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، نۆۋەتتە سەككىز ئادەم قازا قىلدى، تەخمىنەن 20 ئادەم يارىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ