مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىچە «تەھدىت سېلىش دىپلوماتىيەسى» ئاقمايدۇ

2021.05.11 19:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقتى ھەم ئىرانغا ئۈزلۈكسىز پەۋقۇلاددە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىران يادرو كىرىزىسىنىڭ «پاندورا ئالۋاستى قۇتىسى»نى يەنە بىر قېتىم ئاچتى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئىران يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار تەرەپلەر ۋىيېنادا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا: «ئىرانغا پەۋقۇلاددە بېسىم ئىشلىتىش مەغلۇپ بولدى، ئىران يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىش پاتقاقلىقتىن چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمى» دېيىلدى.

  ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىماي ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، ئىراننى كۈچەپ جازالاپ، ئىراننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كاشىلا قىلىپ، شۇ جايدىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، يېڭى «كىشىلىك ھوقۇق قەرزى»نى ئۈستىگە ئارتىۋالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىران كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئالاھىدە دوكلاتچىسى جاۋىد راخمان يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېدى: ئىران ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىنىڭ جازالاشتىكى جۇغلانما ئېففېكتىدىن كەلگەن بولۇپ، جازالاش ئىراننىڭ سەھىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئامېرىكىنىڭ جازالىشى ئىران تەرىپىدىن «ئىقتىسادىي تېررورلۇق»، «داۋالاش تېررورلۇقى» دەپ ئاتالدى.

  ئىران، ۋېنسۇئېلا، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ھەدەپ جازالىغاندىن باشقا، ئامېرىكا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەھدىت سېلىپ، قىزىقتۇرۇپ، «تەھدىت سېلىش دىپلوماتىيەسى» بىلەن ھەدەپ شۇغۇللاندى. ئامېرىكىنىڭ «جابدۇق ساندۇقى»دا جازالاش، قورقۇتۇشتىن باشقا، يەنە «كىچىك دائىرىلەر» ئارقىلىق قورشاش قاتارلىق قەبىھ نەيرەڭلەر بار.

  جۇڭگوغا قارىتا، ئامېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى كۆپتۈرۈپ، «ئىنسانىي ھوقۇق»، «دېموكراتىيە» قاتارلىق نىقابلار بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. ئامېرىكا يەنە «سودا ئۇرۇشى»، «پەن-تېخنىكا ئۇرۇشى» قوزغاپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنى قانۇنسىز قولغا ئېلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى سەۋەبسىز باستۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «جۇڭگو تەھدىتى»نى تەرغىب قىلىپ، ئىتتىپاقداشلىرىنى يېنىغا تارتىپ گۇرۇھ سىياسىيسى بىلەن ھە دەپ شۇغۇللىنىپ، تارىخنى كەينىگە ياندۇرۇشقا ئۇرۇندى.

  ۋاھالەنكى، نۆۋەتتىكى ئىران يادرو مەسىلىسى كېلىشىمى قىيىنچىلىقى ۋە دەۋر تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئامېرىكىچە «تەھدىت سېلىش دىپلوماتىيەسى»نىڭ چوقۇم خىرە ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى تارىخىي يۈزلىنىشتۇر، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ ھەم كەلگۈسىمۇ يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ