پەلەستىن-ئىسرائىلىيە شەرقىي يېرۇسالېمدا توقۇنۇشتى

يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى

2021.05.08 20:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە مىڭ پەلەستىن پۇقراسى 7-ماي كەچتە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن شەرقىي يېرۇسالېمدا توقۇنۇشۇپ قېلىپ، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىڭلىغان پەلەستىن ئاممىسى 7-ماي كەچتە ئاقسا مەسچىتىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. پەلەستىندىكى دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز دېگەندە 178 پەلەستىنلىك شەرقىي يېرۇسالېمدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان. توقۇنۇشتا ئالتە نەپەر ئىسرائىلىيە ساقچىسى يارىلانغان.

  ئىسرائىلىيە 1967-يىلى شەرقىي يېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا پۈتكۈل يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ «پايتەختى» دەپ جاكارلىدى. پەلەستىن شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتكۈل يېرۇسالېمغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  سۈرەتتە: ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى 7-ماي ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىڭ شەھىرىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ