جۇڭگو ئاپتوموبىل شىركىتى ئامېرىكىدا ياسىغان مېترو ۋاگونلىرىدا يولۇچى توشۇش سىناق قىلىندى

2021.05.07 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە، كىشىلەر 7000 يۈرۈشلۈك ۋاگونلۇق مېتروغا ئولتۇردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو جۇڭچې چىڭداۋ سىفاڭ پاراۋۇز-ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى (جۇڭچې سىفاڭ) ئامېرىكىدا ياساپ قۇراشتۇرغان 7000 يۈرۈشلۈك مېترو ۋاگونى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگودا يولۇچى توشۇش سىنىقىنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى ۋاگوندا يولۇچى توشۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش مۇددىتى ئاز دېگەندىمۇ توققۇز ئاي بولۇپ، ئوڭۇشلۇق تاماملانغان ھامان جۇڭگو جۇڭچې سىفاڭ شىركىتى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلاپ، 7000 يۈرۈشلۈك مېترو ۋاگونىنى تاپشۇرىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چور لېنا فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ