بېلارۇسىيەدە چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 35 يىللىقى خاتىرىلەندى

2021.04.27 13:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئاپرېل بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 35 يىللىقى خاتىرىلەندى. 35 يىل ئىلگىرى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى بېلارۇسىيە چېگراسىغا يېقىن يەردە سوۋېت ئىتتىپاقى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4- نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقە زور مىقداردىكى كۈچلۈك رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ھادىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەينى چاغدىكى شۇ ھادىسە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدىكى 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرنى بىۋاسىتە بۇلغىغان بولۇپ، نەتىجىدە، 3 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يادرو رادىياتسىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ