سۈرەتتە: 18-ئاپرېل مىسىرنىڭ تۇخې شەھىرىدە كىشىلەر پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يىغىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى 18-چېسلا كەچتە مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 11 ئادەم قازا قىلدى، 98 ئادەم يارىلاندى. بىر يولۇچىلار پويىزى 18-چېسلا مىسىر پايتەختى قاھىرەدىن شىمالدىكى مەنسۇرە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپ، يولدا تۇخ شەھىرىگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز تۆت ۋاگون رېلىستىن چىقىپ كەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئەھمەد گوما فوتوسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ