زىمبابۋې زۇڭتۇڭى زىمبابۋېنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى

2021.04.19 11:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زىمبابۋې زۇڭتۇڭى زىمبابۋېنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.

  18- ئاپرېل، زىمبابۋې پايتەختى خارارېدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۇۋا (ئالدىنقى ئوڭ تەرەپ) زىمبابۋې مۇستەقىللىقىنىڭ 41 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  منانگاگۇۋا شۇ كۈنى زىمبابۋې مۇستەقىللىقىنىڭ 41 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قاتارلىق دوستانە دۆلەتلەر زىمبابۋېنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، زىمبابۋېنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىقتىساد ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ