يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگودىن سېتىۋېلىپ يۆتكىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ۋاكسىنىلىرى باكۇغا يېتىپ باردى

2021.04.02 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلار قاچىلانغان يۈك ئايروپىلانى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگودىن سېتىۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ۋاكسىنىلار 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇغا يۆتكەپ بېرىلدى، ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھەسەنوف، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاسىموف، جۇڭگونىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گو مىن قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ