تۈركىيەدە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلار 40 مىڭدىن ئاشتى

2021.04.02 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە بىر ئەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتمەكتە.

  تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1- چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە شۇ كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا گىرىپتار بولغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەنلەر 40 مىڭ 806 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان، جەمئىي 335 مىڭ 7988 ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ