يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنى ئەملەشنى باشلىدى

2021.03.30 13:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 3- ئاينىڭ 29- كۈنى قىرغىزىستان سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بىئېسېنالىيېف بىشكەكتە جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنى ئەملىدى.بۇنىڭ بىلەن، قىرغىزىستان سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى بيېشنالىيېف شۇ كۈنى قىرغىزىستاندا جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنى ئەملىگەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،قىرغىزىستان خەلقىمۇ 29- مارتتىن باشلاپ جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنى ئەملەشكە باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ