پاكىستاندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، «پاكىستان كۈنى» تەبرىكلەندى

2021.03.26 18:54 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن «پاكىستان كۈنى» ھەربىي پارات مۇراسىمىدا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان 25-مارت ئىسلامئابادتا كاتتا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، پاكىستاننىڭ 81- قېتىملىق «پاكىستان كۈنى»نى تەبرىكلىدى.

  1940-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى لاھوردا پاكىستان قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. لاھۇر قارارىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پاكىستان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنىنى «پاكىستان كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ