لىۋىيە يېڭى مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇردى

2021.03.17 13:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 16- كۈنى، لىۋىيە يېڭى مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئابدۇل خەمىد دېبېيبا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان لىۋىيە مىللىيبىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى فايېز سالاج ۋە لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد مېنفى (ئالدىنقى رەتتىكى ئوڭدىن سولغا) پايتەخت تىرىپولى ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  لىۋىيە يېڭى مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى (يەنى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت) 3- ئاينىڭ 16- كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ