خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 15- كۈنى پورتۇگالىيەنىڭ ئوئېراش شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ماسكا تاقاپ دەرس ئۆتتى.
پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئالاقىدار توسۇش تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي بىكار قىلىشقا باشلىدى. پىلانغا ئاساسەن، 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، پورتۇگالىيە بالىلار باغچىسى ۋە يەسلى سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلاپ، سىرتقا سېتىش دۇكىنى، ساتىراشخانا، كۇتۇپخانا قاتارلىقلارنى ئېچىۋەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ