مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى 46-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتى» بۇلۇتتىكى يانداش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2021.03.04 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى 46-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتى» بۇلۇتتىكى يانداش يىغىنى 3-فېۋرال ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، جىنەن داشۆسى تاراتقۇ ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەتقىقات يۇرتى، جىنەن داشۆسى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ شۆيۈەنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇھاكىمىگە قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئالماشتۇردى، شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش، ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى ھەم جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، يۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىزىغا سېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، «ھەممە ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىك يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش»تەك خىزمەت نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.

  غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن داشۆسى ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساۋ يەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەمگەك سىياسىتى، قانۇن-نىزاملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن يەرلىك نىزام، قائىدىلەرنى چىقىرىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق تۈرلۈك ئاكتىپ ئەمگەك كۈچى بازىرى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىزىغا سېلىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنىڭ قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ۋە سىجىل گۈللىنىشىگە جەزمەن تۈرتكە بولىدۇ.

  غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن داشۆسى ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ دوتسېنتى شاڭ خەيمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسمەن غەرب ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا ئالاقىدار تەتقىقاتىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇش، ئىدېئولوگىيە قويۇق بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشىنىڭ نامىنى بۇلغاش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولسا ئىدېئولوگىيە بىر تەرەپلىمە قارىشىنىڭ تەسىرىدىكى يالغان گەپتۇر. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا پۇختا نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى كاپالىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر ھەممىگە ئايان.

  جۇڭگو ئاخبارات تاراتقۇ داشۆسى تاراتقۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى نىلوپەر ئېرتى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ ئىشلەش ئەھۋالى» توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. ئۇ بۇلتۇر گۇاڭدۇڭدىكى بەش كارخانىدىكى 70 نەپەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان دالا تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى بۇ ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى شەخسىي ئەركىنلىكى بىلەن كارخانىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، تۈرلۈك ئەمگەك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان، شىنجاڭدىن چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش يەنە ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، تىل ئىقتىدارى ۋە كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرىنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن.

  جىنەن داشۆسى تاراتقۇ ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جېڭ لياڭ يىغىن خۇلاسىسىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر كۆرگەزمە قىلغان ۋە ئالماشتۇرغان بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» يالغانچىلىقىنىڭ ساختىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ غايەت زور ياخشىلانغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ