مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىسىنىڭ قوغداش نىسبىتى %83.5كە يەتتى، دەپ جاكارلىدى

2021.03.04 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا 3- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كېشىڭ شىركىتىنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان ئۈچ باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىنىڭ قوغداش نىسبىتى %83.5كە، ئېغىر كېسەللەرنى قوغداش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىر فاھرەتتىن قوجا شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە ھاجەتەپە داشۆسىنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ يۇقىرىدىكى باياناتنى ئېلان قىلغان.

  ھاجەتەپە داشۆسى 3- چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىنىقىدا، جەمئىي 10 مىڭ 216 پىدائىي ئاز دېگەندە بىر تال ۋاكسىنا ياكى بەزلەش دورىسى ئۇردى. پىدائىيلار 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولۇپ، ئۇلار ۋىرۇس يۇقۇش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولغان تېببىي خادىملار ۋە ۋىرۇس يۇقۇش خەۋپ-خەتىرى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن تەركىب تاپتى. بۇنىڭ ئىچىدە، %42.2ى ئاياللار، %57.8ى ئەرلەر بولدى. كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، كۆزىتىلگەن ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ناچار رېئاكسىيە بولسا چارچاش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش ۋە قىزىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولدى.

  بۇلتۇر 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنا تۈركىيەدە ئۈچ باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىندى. مىنىستىر فاھرەتتىن قوجا بۇلتۇر 12- ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى: تۈركىيەدە جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكۈزگەن پىدائىيلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ دەسلەپكى تەھلىلىيدا كۆرسىتىلىشىچە، كېشىڭ شىركىتى ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمى %91.25كە يەتكەن. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 13- كۈنى، تۈركىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسى جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى ۋاكسىنىسىنى جىددىي ئىشلىتىشنى تەستىقلىدى.

  تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 3- چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتتە شۇ كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا گېرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار 11مىڭ 520گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى جەمئىي 2 مىليون 734 مىڭ 836گە؛ قازا قىلغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەنلەر 65گە، ئۆلگەنلەر جەمئىي 28 مىڭ 771 ئادەمگە يەتكەن. ھازىرغا قەدەر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيەدە ئەملىتىلگەن ئوكۇل سانى جەمئىي 9 مىليون 430 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ