ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرى: دۇنيا بويىچە 168 مىليوندىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىر يىلغا يېقىن تاقالدى

2021.03.04 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 2- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا «يۇقۇم ئىچىدىكى دەرسخانا» تۈرىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە مەكتەپنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئەھمىيەت بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

  ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى (بالىلار فوندى جەمئىيىتى) 2- چېسلا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا بويىچە 168 مىليوندىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر تۇرۇشلۇق مەكتەپ بىر يىلغا يېقىن تاقالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ