مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كىشىلىك ھوقۇق ئۇستازى»نىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشىرىسى ئېچىلدى

2021.03.03 19:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، كانادا ئاۋام پالاتاسى شىنجاڭغا ئالاقىدار بىر تۈرلۈك تەكلىپنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە خالىغانچە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى، دەپ تۆھمەت قىلدى. ھالبۇكى، يامان غەرەزدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغانچىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. پاكىت ئالدىدا، بەزى كانادا سىياسەتۋازلىرىنىڭ رەزىل ئويۇنلىرى يىرتىپ تاشلاندى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارا سۈركەشتەك ھەقىقىي ئەپت-بەشىرىسى ئېنىق ئاشكارىلاندى.

  يالغان گەپ خۇددى قۇم بارخانلىرىدىكى قەلئەگە ئوخشايدۇ، ھەمىشە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 170 مىڭدىن 12 مىليون 720 مىڭغا كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %25 كە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %14 ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ %2 ئېشىش نىسبىتىدىنمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. مەيلى ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بولسۇن، ياكى مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى شىنجاڭدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنسۇن ۋە ياكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گۈللەنگەن، ئىناق جەمئىيەت مەنزىرىسى بولسۇن، بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى بارلىق ئىشلار «ئىرقىي يوقىتىش» توغرىسىدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى مازاق قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، پەقەتلا كىشىلەرگە كانادالىق بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ نومۇسسىز ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

  گەرچە بەزى كىشىلەر ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان، ھەتتا جۇڭگوغا كېلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ئاتالمىش دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆتۈرۈپ چىقىرىپ «جىنايىتى بار» دەپ پەرەز قىلىشىغا قىلچە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىشنىڭ ئارقىسىدىكى پەقەتلا شۇ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ زادى قانداقلىقى، «قورال-سايمانغا ئايلىنىپ قالغان كىشىلەر»نىڭ «ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشى»نىڭ راست-يالغانلىقى، ئاتالمىش ماتېرىيال ۋە دېلو مىسالىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئويلىنىش دائىرىسىدە ئەمەس. ئۇلار ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، لېكىن ھەمىشە ئۇنىڭغا زىت ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا كانادالىق بىر ئالىمنىڭ: «كانادانىڭ ئىنسانىي ھوقۇق غايىسى تۇراقسىز، بىز ھەققانىيەتنىڭ كەينىدە قالدۇق» دەپ خۇرسىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى شۇكى، ئۆزىنى «ئىنسانىي ھوقۇق ئۇستازى» دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان، ھە دېسىلا باشقىلارغا قول شىلتىيدىغان كانادالىق سىياسەتۋازلار دەل ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدىكى رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالدى. ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا مەدەنىيەت يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ خورلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ «ھىندىئانلار قانۇنى» چىقىرىپ، ھىندىئانلارنىڭ «ساقلاپ قېلىنغان يەر»دىن چىقىشىنى چەكلەپ، «ساقلاپ قېلىنغان يەر»دىكى ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە يەتكۈزدى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ئادىلسىزلىق ۋە باي-نامراتلىق پەرقى يەنىمۇ كۈچەيدى، پەقەت برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالساق، %56 تىن كۆپرەك قارا تەنلىك خادىم قىسقارتىلدى ياكى خىزمەت ۋاقتى قىسقارتىلدى، ئۇلارنىڭ نىسبىتى ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى... تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئىنسانىي ھوقۇق ئۇستازى»نىڭ «ئوبرازى» ئاللىقاچان ۋەيران بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولۇپ قالدى. پاكىتتىن ئىبارەت بۇ ئەينەككە قارايدىغان بولسا، كانادادىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ساختا قىلمىشى كىشىنى تېخىمۇ سەسكەندۈرىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئادىل باھاسى بار. «بۇ يەردە ئۇرۇش يوق، كىشىلەر بىخەتەر مۇھىتتا ياشايدۇ، بىز غەربنىڭ ئاتالمىش ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس»، بۇ بىر شىنجاڭلىق تورداشنىڭ ھەقىقىي تەسىراتى. «جۇڭگوغا قارا چاپلىغان كىشىلەر پاكىتقا قىزىقمايدۇ»، بۇ بىر سېربىيە ئەمەلدارىنىڭ ئوبيېكتىپ باھاسى. كانادادىكى بەزى سىياسەتۋازلارنى باشقا دۆلەتلەرگە قارا چاپلاشقا بېرىلىپ كېتىشتىن كۆرە، ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. قاراڭغۇ روھىي ھالەتتە مەڭگۈ باشقىلارنىڭ قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ