كورىيە زۇڭتۇڭى ياپونىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

2021.03.02 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن سىئولدىكى مۇنار جىلغىسى باغچىسىدا سۆز قىلدى.

  كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن 1- مارت كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ھەر ۋاقىت ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن كورىيە-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مونجائىن شۇ كۈنى سىئولدىكى مۇنار جىلغىسى باغچىسىدا «1- مارت ھەرىكىتىنىڭ» 102 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: كورېيە ئىلگىرى مۇستەملىكە قىلىنغان ھاقارەتلىك تارىخنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، لېكىن، ئۆتمۈشتىكى ئىشلار ھازىرقى ئىشلىرىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىز بارلىق كۈچىمىز بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نام-ئابرويى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورىيە-ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەلگۈسى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى توختاتمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ