ۋېنگرىيە زۇڭلىسى ئوربان جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتتى

2021.03.01 19:11 مەنبە: خەلق تورى

  ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئورباننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان بۇ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئوربان (سولدا) پايتەخت بۇداپېشتتا جۇڭگو دورا گۇرۇھىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان 28-فېۋرال ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، شۇ كۈنى پايتەخت بۇداپېشتقا جۇڭگو دورا گوروھى ئىشلەپچىقارغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىنى ئەملەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئوربان بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا ناھايىتى ئىشىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ۋاكسىنىسىغا ئەڭ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ