مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدا «گۈزەل مەنزىرە» يەنە پەيدا بولدى

2021.02.26 19:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك دانيېل پرۇدنىڭ بىنورمال ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى كېسىم نەتىجىسى ئېلان قىلىندى: چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى بېلەت تاشلاپ، پرۇدنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ساقچىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. كېسىم نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى، نەچچە يۈز ئېتىراز بىلدۈرگۈچى روچېستېر شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش قىلدى، بىر قىسىم كىشىلەر «نېگىرلارنىڭ جېنىمۇ جان» دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ، «ئۇنىڭ ئىسمى دانيېل پرۇد» دەپ توۋلىدى.

  پرۇدنىڭ ئۆلۈمى بۇلتۇر ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان زور ۋەقە ئىدى. 2020-يىلى 3-ئايدا، پرۇد نيۇيوركتىكى روچېستېرغا ئاكىسىنى يوقلاپ بارغاندا، تۇيۇقسىز روھىي كېسىلى قوزغىلىپ قالغان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. قانۇن ئىجراسىنى خاتىرىلەش ئەسۋابىدا تارتىلغان بىر نەچچە كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى چاغدا پىرۇدنىڭ پۈتۈن بەدىنى قىپيالىڭاچ بولۇپ، نۇرغۇن ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان، ئۇنىڭغا يەنە قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قالپىقى تاقالغان. پرۇد بىر مەھەل ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار ئۇنى يەرگە مەھكەم بېسىۋالغان، بىر ساقچى تىزى بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن باسقان، يەنە ساقچى ئۇنىڭ بېشىنى قولى بىلەن باسقان، ئەڭ ئاخىرىدا پرۇد تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. بۇنداق كۆرۈنۈش بۇلتۇر 5-ئايدا ئاق تەنلىك ساقچى «تىزى بىلەن بېسىپ ئۆلتۈرگەن» قارا تەنلىك فلويد ۋەقەسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

  فلويدتىن پرۇدقىچە، كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق ۋە نارازىلىق ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرقىي تەڭسىزلىكنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىرقىي دەزلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەرنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش قايتا باش كۆتۈرۈپ، ئىرقىي كەمسىتىش بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خۇددى لوپا ئەينەككە ئوخشاش، ئىرقىي كەمسىتىش ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋەتنى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق شەكىلدە نامايان قىلدى. بۇ، ئەزەلدىن ئۆزىنى «ئەركىنلىك ماياكى» دەپ ماختىنىپ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ ھەرگىزمۇ رىۋايەتلەردىكىدەك ئۇنداق نۇرلۇق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى، بىر نامايىشچىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغانلىقىدەك بۇ كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ «يەنە بىر قېتىم كاچاتلانغانلىقى بولۇپ، پرۇد ئۈچۈن ئادىللىق تەلەپ قىلىش جەريانى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ