ئامېرىكىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

2021.02.25 20:29 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى پلاينو شەھىرىدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى، تېكساس ئىشتاتىنىڭ بايرىقى ۋە پلاينو شەھىرىنىڭ بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ 22-فېۋرالدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەر جەمئىي 500 مىڭدىن ئاشقان. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق فېدېراتسىيە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بەش كۈنگىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تيەن دەن فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ