مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلىرى بۇرمىلانغان دوكلاتنى ئاساس قىلغان، دېيىلدى

2021.02.22 19:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونى شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» شەكىللەندۈردى، دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسى پەقەت بىر ئوڭ قانات دىنىي ئەسەبىزمچىنىڭ تەتقىقات دوكلاتى بولۇپ، بۇ دوكلاتتا يامان غەرەزدىكى سانلىق مەلۇماتلار قالايمىقان ئىشلىتىلگەن ۋە پاكىتلار بۇرمىلانغان.

  ئامېرىكا مۇستەقىل ئاخبارات تور بېكىتى «كۈل رەڭ بەلباغ»نىڭ 18-فېۋرالدىكى بىر پارچە تەكشۈرۈش خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئوڭ قانات دىنىي ئەسەبىزمچى ئادرىئان سېنز (خەنزۇچە ئىسمى جېڭ گوئېن)نىڭ بۇلتۇر 6-ئايدىكى بىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» مەۋجۇت دەپ ئەيىبلىگەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سېنزنىڭ دوكلاتى ئەستايىدىل باھالانغاندىن كېيىن، بۇ دوكلاتنىڭ يامان غەرەز بىلەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ساختا بايان قىلىش، ماتېرىيالدىن تاللاپ پايدىلىنىش ۋە پاكىتنى بۇرمىلاش بىلەن تولغانلىقى بايقالدى.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سېنز ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ، «نوپۇسنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى»نى «ئىرقىي يوقىتىش» دەپ قاراشقا بولىدۇ، دېدى. ھالبۇكى، ئۇ دوكلاتىدا نەقىل كەلتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا زور دەرىجىدە ئاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى خەنزۇلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇنىڭ يەكۈنىگە زىت. بۇنىڭدىن باشقا، سېنز دوكلاتىدا شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى داۋالاش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىشنى «ئىرقىي يوقىتىش»نىڭ پاكىتى دەپ قارا چاپلىغان ھەمدە ئۆز قارىشىغا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغان.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بەزى غەرب ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك سېنزنى «جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى» دەپ ئاتىدى، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تىلغا ئالمىدى. گېرمانىيەلىك سېنز ئىنتايىن ئوڭ قانات دىنىي كىشى بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇرغان ئىنتايىن ئوڭ قانات تەشكىلات «كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى»دە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ