مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئوبرازىنى تارقىتىپ، پومپېئونىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلايمىز

شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى

2021.02.22 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو «ئەسىر يالغان-ياۋىداق سۆزى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى، دەپ بوھتان چاپلىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە ئازار بەردى. شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى ھەم ھەر مىللەت كىنو سەنئەتكارلىرى، كىنو خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

  شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كىنو سەنئەتكارلىرى ۋە كىنو خىزمەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان خەلق تەشكىلاتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت كىنو سەنئەتكارلىرى ۋە كىنو خىزمەتچىلىرى جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نەتىجە-ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا ئائىت ھەقىقىي ۋە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئېكران ئارقىلىق كۆپچىلىككە نامايان قىلىپ بەردى. پومپېئونىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بۇ ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەر ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، پومپېئو قانداق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى، تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى مەڭگۈ يوشۇرالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  شىنجاڭ كىنوچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورايدى، ھازىر ئاز سانلىق مىللەت كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويدى. شىنجاڭ كىنوچىلىقى خىزمەتچىلىرى بۇ مۇنبەت تۇپراققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، كامېرا ئارقىلىق رايون خاسلىقى ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىۋاتقانلىقى، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىنو سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ئىجادىيەت ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو مىللىي كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. بۇ تۆھپىلەر دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىنو ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكىدىن كەلگەن. بۇ ئاز سانلىق مىللەت كىنو خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرى ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتىنى كۆرۈنۈش ئارقىلىق تارقىتىپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېقىندا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ كىنو قانىلى «گۈزەل شىنجاڭ» باش تېمىسىدىكى كۆرسىتىشنى باشلىدى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلىگەن «چىن مۇھەببەت»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە»، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى»، «يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىنولار ئېكران ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىنىپ، دۇنيا خەلقىنى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان روھىي قىياپىتىنى ھەمدە يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات، قۇرۇلۇش يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي ئادەملەر، يۈزبەرگەن ھەقىقىي ئىشلارنى مەنبە قىلغان. ھەربىر جانلىق ھېكايىدىن كەڭ تاماشىبىنلار پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ ئېنىقكى، پومپېئو تارقاتقان يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

  پاكىتلار ئالدىدا يالغانچىلىق چوقۇم بىتچىت بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پومپېئونىڭ يالغان-ياۋىداق سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا خەلقى چوقۇم تونۇپ يېتىدۇ. بىز شىنجاڭ كىنوچىلىقى خىزمەتچىلىرى پومپىئونىڭ يالغان گەپلىرىدىن قاتتىق غەزەپلەندۇق، بىز شىنجاڭ كىنولىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ئوبرازىنى تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنى تونۇتۇپ، شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمىز، پومپىئونىڭ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ