ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»گە رەسمىي قايتىپ كەلدى

2021.02.20 19:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 19-فېۋرال، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ ئارلىڭتوندا تارتىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى توردىكى ئالاھىدە يىغىنىغا قاتناشقان كۆرۈنۈشى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن 19-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا شۇ كۈنى «پارىژ كېلىشىمى»گە قايتىدىن رەسمىي قوشۇلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ كۈنى ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى توردىكى ئالاھىدە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى دۇنيا يەر شارى كۈنىدە كىلىمات مەسىلىسىگە ئالاقىدار باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق پارنىك گازى قويۇپ بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جيې فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ