مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى قېتىم شىنجاڭغا باردىم، غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن

−− فىرانسىيەلىك ئالىم ماكسىم ۋىۋاسنى زىيارەت

2021.02.20 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيەلىك يازغۇچى، مۇخبىر ماكسىم ۋىۋاس ئىككى قېتىم شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماملىغان «ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ساختا خەۋەرلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن كىتاب 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا فىرانسىيە يىپەك يولى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ۋىۋاس يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىياتى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ھاياتىي كۈچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، «غەربنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يالغان گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭغا ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان كىشىلەر تارقاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋىۋاس مۇنداق دېدى: مېنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ساختا خەۋەرلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن كىتابىم ئۆز سەرگۈزەشتەم ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق غەرب تاراتقۇلىرى توقۇغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلەرنى ئېچىپ تاشلىدى.

  ئۇ مۇخبىرغا 2016-يىلى ئۆزىنىڭ 20 دۆلەتتىن كەلگەن 40 مۇخبىر بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. «مەن پۈتۈن شىنجاڭنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقتىم، شەھەر، مەكتەپ، زاۋۇتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، نۇرغۇن كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم.» بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن، ئۇ ياۋروپالىقلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان تەسىراتى بىلەن جۇڭگونىڭ رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ياۋروپالىقلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ جۇڭگودا ئومۇملىشىشىنىمۇ بىلمەيدۇ.»

  ئۇ مۇنداق دېدى: «2018-يىلى، مەن ھەمراھىم بىلەن يەنە بىر قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم. ئىككى قېتىملىق سەپەرنىڭ ئارىلىقىدا ئىككى يىل ۋاقىت بار بولۇپ، مەن شىنجاڭ رايونىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئىلگىرىلەش ۋە ئاجايىپ ھاياتىي كۈچنى كۆردۈم. نۇرغۇن جەھەتلەردە ياخشىلىنىش بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يول ياسىلىپتۇ. شىنجاڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.»

  ۋىۋاس مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى كۆردۈم، مەن ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلمىدىم. ئەكسىچە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تىل ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى ئىنژېنېر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن نۇرغۇن يەرلىك مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىنى كۆردۈم. مەكتەپتە، مەن بىر مۇئەللىمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئاشپەزنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك تەييارلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ياۋروپادا، سىز بۇ مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، چۈنكى پىتنە-ئىغۋالاردا شىنجاڭدا ئىرقىي يوقىتىش پەيدا بولدى، دېيىلگەن. لېكىن شىنجاڭغا ھەقىقىي كەلگەندە، بۇنىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.»

  ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غەرب تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلغان ساختا خەۋەرلەر بەك كۆپ، لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ، ئەزەلدىن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن يالغان گەپ تارقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يالغانچىلىقنىڭ تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن، لېكىن يالغانچىلىقنى ئىسپاتلاش ۋە ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ. مەن كىتابىمدا ئوقۇرمەنلەرگە شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەردىم، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگىلى بولىدۇ.»

  ۋىۋاسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆز كىتابىدا شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقى ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىغا گۇۋاھ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارالغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ غەرب جامائەت پىكرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  ۋىۋاس فرانسىيە يازغۇچىسى ۋە مۇخبىرى، ئۇ فرانسىيەنىڭ تۇلۇس شەھىرىدىكى بىر رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ھەمدە ئەدەبىيات مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلغان، ئۇ 20 پارچە ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرغان ھەمدە نۇرغۇن گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ