ب د ت جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلى پوچتا ماركىسى نۇسخىسىنى تارقاتتى

2021.01.22 20:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇيوركتا 2021-يىللىق دېھقانلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو دېھقانلار كالىندارى بويىچە شىنچوۋ يىلى ئالاھىدە پوچتا ماركىسى نۇسخىسىنى تارقاتتى.

  ب د ت پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2010-يىلى 5-ئايدا تۇنجى قېتىم جۇڭگو مۆچەللىرى مەزمۇن قىلىنغان پوچتا ماركىسىنى تارقاتقان ئىدى، كالا يىلى پوچتا ماركىسى بۇ بىر قاتار پوچتا ماركىلىرىنىڭ 12-پارچىسى. پوچتا ماركىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى رەسىمنى جۇڭگو پوچتا ماركىسى لايىھىلىگۈچىسى ۋاڭ خۇمىڭ لايىھەلىگەن.

  سۈرەتتە: ب د ت پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە شىنچوۋ يىلى ئالاھىدە پوچتا ماركىسى نۇسخىسى ئېلانى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ب د ت پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ