سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا، بىر تېببىي خادىم جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەزەربەيجاندا 1-باسقۇچلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتى 18-يانۋار باشلاندى. ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى مۇفسۇموف 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئەزەربەيجانغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەزەربەيجان نۆۋەتتە بۇ خىل ۋاكسىنىدىن 4 مىليوننى زاكاس قىلدى، ئۇلار تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەزەربەيجانغا تاپشۇرۇلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (بابايېۋ فوتوسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ