جۇڭگو-مالايسىيا كارخانىلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2021.01.13 19:52 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە، فاما شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇلقەرنەيىن (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) كېلىشىم نۇسخىسىنى كۆرسەتمەكتە. ئۈستىدىكى ئېكراندا، بېيجىڭ كېشىڭ جۇڭۋېي بىيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ چياڭ (سولدا) بېيجىڭدا كېلىشىم نۇسخىسىنى كۆرسەتمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مالايسىيا دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى دورا ياساش كارخانىسى فاما شىركىتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، كېشىڭ شىركىتى مالايسىيانى 14 مىليون دانە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ يېرىم تەييار مەھسۇلاتى بىلەن تەدرىجىي تەمىنلەپ، فاما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ مالايسىيانىڭ ئۆزىدە ۋاكسىنىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ ۋېي فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ