ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە بىلەن كەلگۈسى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى

2020.12.31 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 30-كۈنى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل (ئوڭدا) بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېين (سولدا) ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېين 30-دېكابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن بريۇسسېلدا، يېقىندا ئەنگلىيە بىلەن كەلگۈسى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى. كېلىشىم ئارقىدىنلا ئەنگلىيەگە ئەۋەتىلىدۇ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون لوندوندا ئىمزالايدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياۋروپا ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن سۈرەت).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ