مەخسۇس زىيارەت: چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىشى − «غايەت زور ئىلمىي نەتىجە»

−− مىسىر ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مۇھەممەد قۇشىنى زىيارەت

2020.12.22 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، مىسىرنىڭ قاھىرەدە مىسىر ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مۇھەممەت قۇشى مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مۇھەممەد قۇشى يېقىندا قاھىرەدە مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا جۇڭگو چاڭئې 5-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچنىڭ قايتۇرۇپ كېلىش ئۈسكۈنىسى ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، يەر شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەلدى، بۇ، ئارىدىن 40 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يەر شارىغا قايتىپ كېلىشى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەۋرىشكە ئېلىشى بولۇپ قالدى. جۇڭگو ۋە يەر شارى ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى «غايەت زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى»دۇر.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ خۇيۋو فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ