دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپانى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ «تەۋرەش مەركىزى»دە تۇرماقتا، دېدى

2020.10.30 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، پارىژدىكى مونمات ئېگىزلىكىدىكى كىچىك ئېدىرلىق مەيداندا، ماسكا تاقىۋالغان ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى يول بويىدا خېرىدار چاقىرماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مايكول رۈيئەن 26-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19-ئۆكتەبىردىن 25-ئۆكتەبىرگىچە پۈتۈن يەر شارىدىكى تەخمىنەن %46 يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە ئۈچتىن بىر قىسىم قازا قىلغان بىمارلار ياۋروپا رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا شۈبھىسىزكى يۇقۇمنىڭ «تەۋرەش مەركىزى»دە تۇرماقتا. ئۇ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا، مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن «ۋاقىتنى تالىشىش»نى مۇراجىئەت قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ جىڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ