مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمنى يەنە بىر قېتىم كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار، دېدى

2020.10.28 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 26-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ «تەۋرەش مەركىزى»دە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمنى يەنە بىر قېتىم كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مايكول رۈيئەن شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ھەپتە يەر شارىدىكى %46 يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار ۋە ئۈچتىن بىر قىسىم قازا قىلغان بىمار ياۋروپا رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا شۈبھىسىزكى، يۇقۇمنىڭ «تەۋرەش مەركىزى»دە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشتىكى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا، مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىش ۋە بالدۇر ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن «ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش»قا مۇراجىئەت قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە جىددىي تۈر تېخنىكا مەسئۇلى مارىيە ۋانكېلكخوف مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ياۋرۇپادىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، كارۋات سانى كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يۇقىرى چەككە يېتىشى مۇمكىن. ئۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ھازىر بار بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تولۇق ئىشلىتىشنى، جۈملىدىن تولۇق تەكشۈرۈش، گۇمانىي كېسەللەرنى پەرقلەندۈرۈش، بىمارلارنى ئۆيدە ئايرىپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ۋانكېلكخوف مۇنداق دېدى: ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىل ئەتىياز ۋە ياز پەسلىگە ئوخشاش ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇشىغا ئىشەنچمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ «مەملىكەت بويىچە قامال قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنى كونترول قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  رۈيئەن بىلەن ۋانكېلكخوف مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ياۋروپادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى مۇسبەت بولۇشىدا كۆپ خىل ئامىللار تۈرتكە بولغان، بۇنىڭدا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ۋانكېلكخوف ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ياشلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئۆرلەۋاتىدۇ، بۇ، ياشانغانلار ۋە خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن كېسەلگە ئېغىر گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ