مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

موڭغۇلىيە دۆلىتى «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سودا كېلىشىمى»گە قاتناشتى

جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئۆزئارا ئىمپورت تاۋارلىرى تېخىمۇ تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2020.10.28 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موڭغۇلىيە دۆلىتى يېقىندا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سودا كېلىشىمى»گە قاتنىشىش تەرتىپىنى تاماملىغان ھەم 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزئارا يولغا قويماقچى بولغان، بۇ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيە دۆلىتى 366 باج تۈرىنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىدىكەن، ئاساسلىقى سۇ مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات، مېۋە-چىۋە، ھايۋانات-ئۆسۈملۈك مېيى، كان مەھسۇلاتلىرى، خىمىيەلىك بۇيۇملار، ياغاچ ماتېرىياللىرى، پاختا يىپ، خىمىيەۋى تالا، ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى، تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىپ، ئوتتۇرىچە باجنى تۆۋەنلىتىش دائىرىسى %24.2 بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موڭغۇلىيە دۆلىتى جۇڭگو قاتارلىق باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھازىر بار بولغان تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

  «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سودا كېلىشىمى» دۆلىتىمىز قاتناشقان تۇنجى رايون ئېتىبار سودا ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بېنگال دۆلىتى، جۇڭگو، ھىندىستان، لائوس، كورېيە، موڭغۇلىيە دۆلىتى ۋە سىرى لانكانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسى 1975-يىلى ئىمزالانغان «باڭكوك كېلىشىمى» بولۇپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا بىر تۈرلۈك ئېتىبار سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھاسىل قىلىش ئۈچۈندۇر. دۆلىتىمىز 2001-يىلى بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئەزا بولۇشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە رايونلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو- موڭغۇلىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ھازىرغىچە، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سودا كېلىشىمى» تۆت نۆۋەت تاموژنا بېجىنى كېمەيتىشنى يولغا قويۇپ، 4-نۆۋەت 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، ئالتە ئەزا دۆلەت 10 مىڭدىن ئارتۇق باج تۈرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، ئوتتۇرىچە باجنى تۆۋەنلىتىش دەرىجىسى %33 بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ