چاۋشيەندە ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلەندى

2020.10.12 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 10- ئۆكتەبىر تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەن پيوڭياڭدىكى كىم ئېرسىن مەيدانىدا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلەنگەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، چاۋشيەن شۇ كۈنى پيوڭياڭ شەھەر مەركىزىدىكى كىم ئېرسىن مەيدانىدا پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالىي قوماندانى جىن جېڭئېن پاراتقا قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ