جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا 6-تۈركۈمدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى

2020.10.09 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇل ئايرودرومىدا تارتىلغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىلگەن 6-تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالىرى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 6-تۈركۈمدىكى ئافغانىستاننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى 8-ئۆكتەبىر كابۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. 2-مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ساۋار دانىش ۋە جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 6-تۈركۈمدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى مۇداپىئە كىيىمى، تەكشۈرۈش رېئاكتىپى، ماسكا ۋە پەلەي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دانىش ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (راخماتۇللا ئەلى زادا فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ