مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ مۇنازىرىسى كومىتېتى ئىككىنچى مەيدان مۇنازىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ترامپ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2020.10.09 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل ئامېرىكا زۇڭتۇڭ مۇنازىرىسى كومىتېتى 8-ئۆكتەبىر 2-مەيدان زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى مۇنازىرىسىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈمەكچى بولغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ دەرھاللا ئۆزىنىڭ مۇنازىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى مۇنازىرىسى كومىتېتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-مەيدان زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى مۇنازىرىسى 15-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ترامپ ۋە دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدىن ئوخشىمىغان جايلاردا يىراق مۇساپىلىق مۇنازىرە قىلىدۇ، رىياسەتچى ۋە تاماشىبىنلار فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مىئامى دەيدې ناھىيەسىدىكى بىر چوڭ تىياتىرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مۇنازىرە جەريانىدا، ئىككى تەرەپ نامزاتى تاماشىبىنلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  بايانات ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ترامپ فوكىس ئاخبارات ئىستانسىسىنىڭ ئەتىگەنلىك پىروگراممىسىدا، ئۆزىنىڭ توردا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنى قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ھەمدە قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «بايدېننى قوغداش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرمايدىغانلىقىنى، ھازىر ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، سايلام پائالىيىتىگە دەرھال ئاتلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ