مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سودا تەشكىلاتى تۇنجى ئايال باش ئىش بېجىرگۈچىنى كۈتۈۋالىدۇ

2020.10.09 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى باش كېڭىشىنىڭ رەئىسى داۋىد ۋالكېر 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەزالار ئىككى نۆۋەت كېڭىشىپ قارار قىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن تەيىنلىنىدىغان باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئىككى ئايال نامزات ئىچىدە بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغان 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى ئايال ئىش بېجىرگۈچىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ۋالكېر مۇنداق دېدى: ئىككىنچى قېتىملىق كېڭىشىشتىن كېيىن، نىگېرىيە نامزاتى نىگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا ۋە كورېيە نامزاتى يۈ مىڭشى داۋاملىق باش ئىش بېجىرگۈچى سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. باش ئىش بېجىرگۈچى تاللايدىغان ئۈچىنچى قېتىملىق، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كېڭىشىش 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  نىگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا نىگېرىيەنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ، ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىدا 25 يىل خىزمەت قىلغان ھەم دائىمىي مۇئاۋىن بانكا باشلىقى بولغان. ھازىر، ئۇ يەر شارى ۋاكسىنا ئىممۇنىتېت ئىتتىپاقى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى.

  يۈ مىڭشى كورېيە كەسىپ سودا بايلىقى مىنىستىرلىقى سودا ئالاقىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سودا ساھەسىدە 25 يىل خىزمەت قىلغان، كۆپ قېتىم كورېيەگە ۋاكالىتەن مۇھىم، زور خەلقئارالىق سۆھبەتلەرگە قاتناشقان، كورېيەنىڭ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، جۇڭگو-كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى، يېڭى نۇسخىدىكى كورېيە-ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى قاتارلىق سۆھبەتلەردىكى مۇھىم سۆھبەت ۋەكىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ