ئامېرىكىلىق ئايال شائىر گرۇك 2020-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2020.10.09 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: لۇئىس گرۇكنىڭ ئەسەرلىرى تىزىپ كۆرگەزمە قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە ئەدەبىيات شۆيۈەنى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 2020-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئامېرىكىلىق ئايال شائىر لۇئىس گرۇكقا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  شىۋېتسىيە ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي كاتىپى مەتس مالم شۇ كۈنى ئىستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغاندا، گرۇك ئۆزىنىڭ «ئاددىي، گۈزەل، ئېنىق شېئىرىي ئاۋازى بىلەن كىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياۋىلاشتۇرىدۇ» دېدى. ئەدەبىيات شۆيۈەنى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا «ئۇ رىۋايەت ۋە كىلاسسىك رەسىملەردىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە نامايان قىلدى»، دېدى.

  مالم ئۆزىنىڭ گرۇك بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، گرۇكنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبلىك، بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتى يىراق مۇساپىدىن تارقىتىشقا ئۆزگەرتىلدى، گرۇكنىڭ كېلەر يىلى تەكلىپ بىلەن ئىستوكھولمغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  گرۇك 1943-يىلى ئامېرىكا نيۇيوركتا تۇغۇلغان، 1968-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تۇنجى بالا» نەشر قىلىنغان، نۇرغۇن شېئىرلار توپلىمى ۋە پارچە شېئىرلار توپلىمى يازغان، ئامېرىكا پۇلىتزېر مۇكاپاتى، دۆلەت كىتاب مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ