قازاقىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى خالىس تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2020.09.25 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 23-كۈنى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان ۋوگزالىدىكى پويىزدا، قاتناش ساقچىلىرى يولۇچىلارغا ماسكا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى تارقىتىپ بەردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان قاتناش ساقچىلىرى ۋە پىدائىيلىرى 23-سېنتەبىر نۇرسۇلتان ۋوگزالىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى خالىس تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يولۇچىلارغا ماسكا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئاممىنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ئوسپانوۋ فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ