ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يىللىق پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىنى %55 كە كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى

2020.09.18 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، بېلگىيە بىريۇسسېلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېين ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى يىللىق «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەھۋالى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېين 16-سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەھۋالى دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، 2030-يىلىغا بارغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشىنى 1990- يىلىدىكىدىن %55، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى بېكىتكەن بۇلغىما ئازايتىش نىشانى %40 ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ